خىتاي تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

 

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيەن خۇڭشەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيەن خۇڭشەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان. زىيارەت داۋامىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك سىياسىي پارتىيەلەر خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە ۋاڭيى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى بۇ جەرياندا تۈركىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلغان ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قاتارلىق تۈركىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

چيەن خوڭشەن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى زىيارىتىدە ىيلىگەرلىك بىلەن «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىر تارىخىي پارتىيە. ئۇ سىياسەت ۋە جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ پارتىيە خىتاي كوممۇنسىت پارتىيەسى بىلەن تۇنجى بولۇپ دوستلۇق ئورناتقان تەرەپلەرنىڭ بىرى، پارتىيەڭىزنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك خىتايدا ناھايىتى داڭلىق ۋە تونۇلغان» دەپ چالۋاقاپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئىككى پارتىيەنىڭ تارىخى ئوخشاش. بىز ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىمىز. باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىمىزنى ئورتاقلىشالايمىز. بىز كونكرېت ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. بىز ئەزالىرىمىزنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمدىن كېيىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن تېخىمۇ كۆپ ياش باشقۇرغۇچىلارنى خىتايغا تەكلىپ قىلىمىز» دېگەن.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل مەنسۇر كىلىنچ بولسا تۈركىيە بىلەن خىتاي، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ تارىختىن داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچدار ئوغلىنىڭ خىتاي كوممۇنسىت پارتىيەسى ۋە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىك ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 674 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2022 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق