ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلىگۈچى زاۋۇتىدا شىددەتلىك نامايىش پارتلىدى

يۈزلىگەن خىزمەتچىلەر ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئاساسلىق iPhone ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان.

بىلۇمبېرگنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئاساسلىق ئايفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدىكى يۈزلىگەن خىزمەتچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇمنى چەكلەش باھانىسىدە قاتتىق تەدبىر قوللانغانغانلىقىغا نارازلىق بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا يوللىغان سىنلاردا، فۇشىكاڭ تېخنىكا گورۇھى زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارنىڭ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۆزلىرى ئايرىپ كۆزىتىلىش ئۈچۈن قامالغان بىنادىن ئايرىلغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىقى كۆرۈلدى. يەنە بىر سىندا بىر توپ ئاق رەڭلىك كېيىم كەيگەن يۇقۇم خادىملىرىنىڭ يەردە بىر ئىشچىنى قاتتىق ئۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. نامايىشچىلار مەزكۇر ئاق رەڭلىك كىيىملىكلەرنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشۈپ، ساقچىلار ئادەم ئۇرۇۋاتىدۇ دەپ ۋارقىراشتى. كۆرۈنۈشلەردە يەنە بەزى نامايىشچىلارنىڭ ساقچى ماشىنىسىنى چالما-كېسەك قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى.

گۇۋاھچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، مەزكۇر نامايىش شىركەتنىڭ مائاش تارقاتمىغانلىقى ۋە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرەپ باشلانغان بولۇپ، نامايىشتا نۇرغۇن ئىشچى يارىلانغان بولۇپ، ساقچىلار نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن رايونغا كەلگەن.

پارچە پارچە يوللىنىۋاتقان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلار نامايىشچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، نامايىشچىلارمۇ ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان. بىر سىندا يەنە ئىشچىلار بىر باشقۇرغۇچىنى قورشىۋېلىپ، غەزەپلەنگەن ئىشچىلارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە يۇقۇم سىناق نەتىجىسىدىن گۇمانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە ئارىدىن بىر ئىشچى: «سەنلەر بىزلەرنى ئۆلۈمگە يوللاۋاتىسەن» دېگەن. فۇشىكاڭ ئەمەلدارى بولسا بۇ ئىشقا تېخى ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 758 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2022 17:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق