خىتايدا شەھەرلەر بىر-بىرلەپ قامال قىلىنىشقا باشلىدى

خىتاينىڭ يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئۆيلەرگە قاماش ۋە ئېغىر سىياسەتلەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، قىش ئايلىرىنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان يۇقۇم ئەھۋاللىرى بەزى شەھەرلەرنىڭ يەنە تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاينىڭ سودا شەھىرى دەپ ئاتالغان گۇاڭدۇڭنىڭ قايتا تاقىلىشى خەلقئارا بازارلارغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بولسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كونترول قىلىنغان يۇقۇمنىڭ نېمىشقا خىتايدا ئاخىرلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال پەيدا قىلدى.

بۇ ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى بېيجىڭدا پەيدا بولغان يۇقۇم ئەھۋالى دائىرىلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شەھەرنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا قاتتىق كارانتىن قىلىش ئارقىلىق، قامال قىلىنغان رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، شەھەردىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايون ۋە كارخانىلار تاقالدى، كوچىلار جىمجىت بولۇپ كەتكەن.

خىتاي يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا 26 مىڭ 824 يېڭى يۇقۇملانغۇچى بارلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بېيجىڭدا ھەپتە ئاخىرىدا ئۈچ ئادەمنىڭ يۇقۇمدىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شەھەرنىڭ خەيدىيەن رايونىدا يۈزتۇرانە دەرسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يېقىندا جېڭجۇ شەھىرىدە بىر ھەپتىلىك چەكلەش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چوڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى جايلاشقان شەھەردە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى توختىتىلدى. بۇ ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان Iphone 14 تىپلىق تېلېفوننى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

يەنە بىر يېپىلىش خەۋىرى بولسا گۇاڭجۇدىن كەلگەن بولۇپ، گۇاڭجۇنىڭ بەييۈن رايونىدا بەش كۈنلۈك كارانتىن قىلىش قارارى چىقىرىلدى. بەييۈن 3 مىليون 700 مىڭ نوپۇسى بار گۇاڭجۇدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۈندىداردا ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، مەكتەپلەرنى تاقاش، ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋە ئاھالىلەرنى ئۆيدە ساقلاش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىلگەن.

ئېغىر يېپىلىش سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بولغان زىيىنى ئالدىنقى قېتىملىق ئېكسپورت دوكلاتىدا زور تۆۋەنلەش بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن. ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە سودا پورتلىرى جايلاشقان رايونلاردا باشلانغان كارانتىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جىددىي قارارلارنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىماقتا. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دۆلەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە «نۆل يۇقۇم» سىياسىتىنىڭ كەسكىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاممىغا ئەسكەرتىش بېرىلگەن باياناتتا، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ كېسەللىكنى ئازايتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ ۋە تيەنجىن قاتارلىق رايونلاردا مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ قايتا باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇشلىرىمۇ ئەڭ قاتتىق شەكىلدە داۋاملاشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2022 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق