خېنەندىكى ئوت ئاپىتىدە نەچچە ئونلىغان خىتاي ئۆلدى

خېنەننىڭ ئەنياڭدىكى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 38 ئادەم ئۆلۈپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 21-نويابىر چۈشتىن كېيىن، خىتاينىڭ خېنەندىكى بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 38 ئادەم ئۆلۈپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان. دائىرىلەر بۇ ئوتنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا كەپشەرلەشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلمىغان. 21-نويابىر چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 4 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان ئوت ئاپىتى شۇ كۈنى كەچ سائەت 11 دە ئۆچۈرۈلگەن. خىتاي ئېلان قىلغان دەسلەپكى مەلۇماتتا 36 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككى ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، ئىككى ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-نويابىر كەچتە ئوت ئاپىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان ئەنياڭ شەھەر باشلىقى گاۋ يوڭ ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۆت كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گاۋ يوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 21-نويابىر سائەت 16 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەنياڭ شەھىرى ۋېنفېڭ رايونى باۋلىيەن بۇتخانا بازىرىدىكى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 38 ئادەم ئۆلۈپ ئىككى ئادەم يېنىك يارىلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 784 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2022 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق