شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دوستى مالايشىيا باش مىنىستىرى بولدى

مالايشىيا پادىشاھلىق سارىيى 24-نويابىر ئۆكتىچىلەر ئۈمىد ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنى كېيىنكى مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە باش مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ شاھ 15-ئومۇمىي سايلامدىن كېيىن ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ۋەكىللىككە ئېرىشكەن ئۈمىد ئىتتىپاقى رەھبىرى ئەنۋەر ئىبراھىمغا بەرگەن بولۇپ، پادىشاھلىق سارىيىنىڭ باياناتىدا ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ دۆلەت تارىخىدىكى 10-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرلىككە تەيىنلىنىشىنىڭ پادىشاھ ۋە دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىدە تەستىقلانغانلىقى، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسەمنامىسىنىڭ پادىشاھ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئەنۋەر ئىبراھىم 24-نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17:00 دە پادىشاھلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ شاھنىڭ ھۇزۇرىدا قەسەم بېرىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋېلىپ، مالايشىيانىڭ 10-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولغان.

75 ياشلىق پېشقەدەم سىياسەتچى ئەنۋەر ئىبراھىم ئىلگىرى مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، مائارىپ مىنىستىرى، مالايشىيا ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ۋە ئىككى قېتىم مالايشىيا ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، 2008-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

ئەنۋەر ئىبراھىم يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يېقىندىن قوللىشى ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا كۈچ چىقىرىشى بىلەن تونۇلغان مۇھىم شەخسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ مالايشىيانىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلىنىشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 24-نويابىر ھاجى ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. تەبرىك خېتىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مالايشىيا خەلقى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا قاراتقان كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، ئىسلامىي قىممەت قاراشلارنى قوغداپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق مەيدانغا ئىگە ئىكەنلىكى، تۈركىي خەلقلەر بىلەن مالايشىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە تەرەققىياتىدا ئورتاق مەنپەئەتى بارلىقى قەيت قىلىپ ئۆتۈلدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندى رەھبەرلىكىدىكى ABIM، GPM قاتارلىق مالايشىيا تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مالايشىيادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ياردەم ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر، ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2447 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2022 18:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق