ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھارىس جەنۇبىي دېڭىزدىكى دۆلەتلەرنى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھارىس 22-نويابىر خىتاينىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى دۆلەتلەرنى زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە يول يۈرۈش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھارىس سۆزىدە خىتاينى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قورقۇتۇش ۋە مەجبۇرلاشقا دۇچ كەلگەن شەرتنامە ئىتتىپاقدىشى فىلىپپىننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھارىس مەزكۇر سۆزلىرىنى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتىدا سۆزلىگەن بولۇپ، مەزكۇر چارلاش پاراخوتى فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىز چېتىگە جايلاشقان پالاۋان ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى پورتتا توختىتىلغان. بۇ جاي ھاررىسنىڭ دۈشەنبە كۈنى مانىلادا باشلىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىكەن. ئۇ يەنە دۈشەنبە كۈنى فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس كىچىك بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھارىس پالاۋان ئارىلىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ رايوندا يېڭى توقۇنۇش يۈز بەرگەن. فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، فىلىپپىن ماتروسلىرى خىتاي راكېتاسىنىڭ پارچىلىرىنى فىلىپپىن كونتروللۇقىدىكى ئارالغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوت ئەترىتى راكېتا پارچىلىرىنى مەجبۇرىي بۇلاپ كەتكەن.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2022 19:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق