خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىشى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن قاتتىق كونترول قىلىش قىلمىشلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىككى ئايدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمغا چىدىمىغان خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشنى تاللىغان.

23-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر نەچچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تاقاپ ئۆيگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي قىيناش قىلمىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، خىتاي ئاققۇنلىرى 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىشقا باشلىغان.

سىندا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن خىتاي ئاققۇنلىرى قارنىڭ قاتتىق يېغىۋاتقانلىقىغا قارىماي خىتايغا ماڭىدىغان ۋوگزال، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى ئارقىلىق يۇرتلىرىغا كېتىشكە ئالدىرىغان. خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا چىقىپ كېتىدىغان يوللاردا قاتناشنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك خىتاي ئاققۇنلىرى سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىشقان. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىلىرىدا ئۆچرەت بولۇپ تىزىلىپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 881 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2022 19:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق