ياۋروپا پارلامېنتى رۇسىيەنى «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ بېكىتتى

ياۋروپا پارلامېنتى 23-نويابىر قارار ماقۇللاپ، رۇسىيەنى «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ بېكىتتى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 23-نويابىر قارار ماقۇللاپ، رۇسىيەنى «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ قارار پارلامېنتتا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ماقۇللانغان بولۇپ، مەزكۇر قارار 494 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 58 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 44 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللانغان.

ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان قاراردا: «رۇسىيە ئارمىيەسى ھەمدە ۋاكالەتچىلىرى ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا قەستەن ھۇجۇم قىلىش ۋەھشىيلىك قىلمىشى ھەمدە پۇقرالارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ ھەمدە ئۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يۇقىرىقى پاكىتلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا پارلامېنتى رۇسىيەنى تېررورلۇقنى قوللىغۇچى ۋە تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىدىغان دۆلەت دەپ بېكىتتى» دېيىلگەن.

پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ رەھىمسىز ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ھەرىكەتلىرى ئۆلۈم – يېتىم، ئازاب-ئوقۇبەت، بۇزغۇنچىلىق ۋە يۇرتتىن ئايرىلىش ھەمدە كۆچمەنلەر دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر ئۇكرائىنادا 40 مىڭغا يېقىن ئۇرۇش جىنايى قىلمىشى خاتىرىلەنگەن.

پارلامېنت ئەزالىرى يەنە رۇسىيەنىڭ ۋەھشىي قىلمىشىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىنى ۋەھىمىگە سالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى بوغۇپ، ئۇلارنى «ئىشغالچى كۈچ» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنىنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە ھەققىدە ئېلىنغان قاراردا يەنە: «رۇسىيە پۈتكۈل ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپكە خەتەر يەتكۈزدى» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 802 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2022 19:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق