خىتاي بىلەن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى غەربكە خىرىس شەكىللەندۈرمەكتە

خىتاي بىلەن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساقچى مىنىستىر دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى غەربنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىرىس شەكىللەندۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 24-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن تور يىغىنى ئېچىپ، ئىككى تەرەپلىك ساقچى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى بويىچە مىنىستىر دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كەڭ كۆلەملىك ساقچى ھەمكارلىق ھەرىكىتى غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېقىن ئادىمى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ ۋە سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ۋېيكې بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ۋاڭ شياۋخۇڭ يىغىندا ئىككى تەرەپلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقى توغرىسىدا مىنىستىر دەرىجىلىك سۆھبەت ئارقىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر قىسىم دۆلەتلەر رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەتكە ئىنتايىن سەزگۈر بولغانلىقى سەۋەبلىك، يىغىنغا مىنىستىر ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلغان. يەنە بىر مەنبەنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ئارال دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى يىغىنغا ئەۋەتمەسلىككە قايىل قىلغان. يىغىنغا تونگا ساقچى مىنىستىرى ۋە ساقچى باشلىقى قاتناشمىغان، ئەمما يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتكەن. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيە ساقچى باشلىقىمۇ يىغىندا قاتناشمىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى قاتناشقان.

خىتاينىڭ فىجىدىكى باش ئەلچىخانىسى تىۋىتتېرغا يوللىغان سۈرەتلەردە پەقەت سولومون تاقىم ئاراللىرىدىكى ساقچى مىنىستىرى ۋېيكو بىلەن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 665 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق