نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى 24-نويابىر خەلقئارا ئوقۇتقۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. 

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خەلقئارا ئوقۇتقۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى سېپىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى ھەر ساھەلەر بويىچە ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ئۇلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلدى. 

جەمئىيەت رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى ۋە شۆبىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى قۇرئان ۋە ئانا تىل يەسلىسى، سۇتۇق بۇغراخان قۇرئان ۋە ئانا تىل يەسلىسى، سۇتۇق بۇغراخان باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلار مەركىزى، سۇتۇق بۇغراخان تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار مەركىزى، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى، ھىرا مەكتىپى، سەئىدىيە ئىلىم-ئېرپان مەركىزى، فۇرقان تەلىم-تەربىيە مەركىزى، مەھمۇت قەشقەرىي قىزلار قۇرئان كۇرسى قاتارلىق تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە مەزكۇر ئورۇنلاردا تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە ئالاھىدە كۈچ قوشۇۋاتقان ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوشقان تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1139 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2022 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق