خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق نازارەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، مەدەنىيەت مۇزېيى تور يىغىنى ئېچىپ، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» نامىدا يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش تەدبىرىنىڭ نەتىجىسىنى خۇلاسە قىلغان ھەمدە بۇندىن كېيىنمۇ مەزكۇر رەزىل سىياسىتىنى كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان. 

خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ 23-نويابىردىكى ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، مەدەنىيەت مۇزېيى ئاچقان مەزكۇر يىغىندا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن نازىرى شۈ رۈيجۈن خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىش ۋە يولغا قويۇش كېرەكلىكى، قۇرۇلتاينىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نىشان ۋە ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېزا-كەنتلەرگە خىزمەتچى ئەۋەتىپ، ئاتالمىش «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» تەدبىرىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان. ئۇ يەنە مۇقىملىقنى ساقلاش، توردىكى پىكىر ئېقىمىغا، يېزا-كەنتلەردىكى مۇھىم ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي رېجىمى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەندەك تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق يېزا-كەنتلىرىگە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار دەسلەپتە ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ۋە كەنتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان. كېيىنچە خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى، ئائىلە ئەھۋالى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نازارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا تەپسىلىي دوكلات يوللاپ تۇرغان.

خىتاي رېجىمى 2019-يىللىرى ئاتالمىش «ئەدلىيە ئىسلاھاتى تەدبىرلىرى» نامىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدە كۆچمە «مىكرو سوت مەھكىمىسى» تەسىس قىلىپ، خەلقنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالىغان. مەزكۇر ئاتالمىش «مىكرو سوت مەھكىمىلىرى» 2020-يىلىدا 1486 گە يەتكەن.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 2020-يىلى 28-مارتتىن 29-دېكابىرغىچە پەقەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىلا 1008 دېلو بىر تەرەپ قىلغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى 16 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە كىرىپ، خىتاينىڭ قانۇنىنى تەشۋىق قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1047 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2022 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق