ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتاينىڭ قەستەن كۆيدۈرۈپ قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترالىيە بىلەن شىۋېتسىيەدە ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش يۇقۇم باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە خەلقنى ئۆيلىرىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلماي، 40 نەچچە كىشىنى قىرغىن قىلغانلىقىغا قارشى 29-نويابىر نامايىش ئۆتكۈزدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن مەزكۇر نامايىش شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرى ھەمدە خەلقنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ ئوتقا ئىتتىرىش قىلمىشىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان.

نامايىش تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياسىن قارىم 24- نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان.

ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن نامايىشتا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە 40 نەچچە كىشىنى قەستەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشىغا قارشى شوئارلار ئوۋلانغاندىن باشقا خىتاينىڭ ئوت ئاپىتى خەۋىرىنى ئالغان ھامان مەقسەتلىك ھالدا ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كېيىن كەلگەنلىكى ھەققىدىكى جىنايى پاكىتلىرى بايانات ئارقىلىق ئاشكارىلانغان. نامايىشقا لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق بىلەن ئۆمەر بېكالى قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم سۆزىدە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاش مەمەتھاجى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق بىلەن ئۆمەر بېكالىنىڭ ئاۋسترالىيەدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، لاگېر شاھىتلىرى ئاۋسترالىيەدىكى مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن يەنە ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. سەھەردىلا يىغىلغان، خىتاي باش كونسۇلخانىسى جايلاشقان كوچىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە شېھىتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى. نامايىشقا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراھماننىڭ ئوغلى مۇھەممەدمۇ قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پاجىئەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئانىسى ۋە ئۇكىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

بۇ خەۋەر 4344 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2022 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق