پاكىستان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار قولغا ئېلىندى

پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان دائىش تېررورچىلىرى قولغا ئېلىندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىنقى ھەپتە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، كابۇلدىكى پاكىستان باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دائىش تېررورچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ چەتئەللىك دائىش ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كابۇلدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسى 2-دېكابىر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىر نەپەر ئەلچىخانا مۇھاپىزەتچىسى ئوققا تۇتۇلۇپ يارىلانغان. پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر ھۇجۇم ۋەقەسىدە ھۇجۇمچىلارنىڭ باش ئەلچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئافغانىستان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، تالىبان ئىسلام ئەمىرلىك ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. شۇندىن بۇيان دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئاشكارا ھالدا ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىك ھۆكۈمىتىنى رەسمىي شەكلىدە ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان ئەلچىخانىسى ئوچۇق بولۇپ، بارلىق دىپلوماتىك خىزمەتلىرىنى داۋام قىلغان.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5884 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2022 19:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق