شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى دىققەت قوزغىدى

شى جىنپىڭ 7-دېكابىر ئۈچ كۈنلۈك سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي-سەئۇدى ئەرەبىستان، خىتاي-پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى قاتارلىق ئۈچ چوڭ رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ پارس قولتۇقى رايونىدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 7-دېكابىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا يېتىپ كېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتتىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. شۇ كۈنى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇچرىشىشقا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان قاتناشقان.

پادىشاھ سەلمان بىلەن شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئەرەب باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا پارس قولتۇقى رايونىدىكى 14 ئەرەب دۆلەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر يىغىندا ئاساسەن خىتاي بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قورۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستانغا سالغان مەبلىغىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتكەن بولۇپ، خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاساسلىق نېفىت سېتىۋالغۇچىسى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 106 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ ئون نەچچە خىل كېلىشىم ئىمزالاشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم 29 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئىقتىساد ۋە سودا كېلىشىمى، مەبلەغ سېلىش ئەسلەتمىسى ۋە بىخەتەرلىك ۋە ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەر ئىكەن. ئۇندىن باشقا بۇ قېتىم خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كېڭەيتمەكچى بولغان سودا ساھەسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ماشىنا ياساش، ساياھەت ۋە قورال-ياراغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پارس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەر شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە سودا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتمەكچى بولغان. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن G5 تېخنىكىسى قاتارلىق سەزگۈر ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى پىلانلىغان.

ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرىدە خىتاينى قوغداپ كەلگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە تاجاۋۇز قىلىشى، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى مەسىلىسىدە سەئۇدى تەرەپتە تۇرۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 6449 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2022 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق