پۈتۈن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسىدا ئىجرا قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشىكلەرنى تاقاپ خەلقنى ئاچلىق ۋە ئۆلۈمگە ئىتتىرىش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت پاجىئەسىدە 44 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلىنىشى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىلمۇخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى ۋە داۋام قىلماقتا.

9-دېكابىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەIHH  ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋازىڭنى چىقار» شوئارى بىلەن پۈتۈن تۈركىيەدىكى 77  ۋىلايەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا قىلىندى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.

ئىستانبۇل تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت بىرلا يەردە ئەمەس، بەلكى فاتىھ جامەسى ۋە ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى چوڭ مەسچىتلەردىمۇ ئوخشاشلا دۇئا ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. 

پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت ھاجى بايرام ۋەلى جامەسىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن دۇئا ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە شېھىتلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا تاجاۋۇزچى خىتاي رېجىمىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

ئارقىدىن IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى جىنايەتلىرىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئالدى ۋە تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلەپ بىلەن بىرگە، قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە توختالدى. 

ئۇ سۆزىدە يەنە ھەرقايسى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ: «ئۆزۈڭلارنىڭ يىلتىزى بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئە ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن دەس تۇرمايسىلەر؟ ئۇيغۇرلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارمۇ؟ سىلەرنىڭ تارىخىڭلارمۇ ئۇيغۇرلارسىز يېزىلالمايدىغان قېرىندىشىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟» دەپ خىتاب قىلدى.

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى جىنايەتلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ۋەزىيەتنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئىستانبۇلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى فاتىھ جامەسى ھويلىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن خەلق، مۇخبىرلار ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. پائالىيەت ئالدى بىلەن IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى باش كاتىپى دۇرمۇش ئايدىننىڭ ئاخباراتچىلارغا بايانات ئېلان قىلىشى بىلەن باشلاندى. 

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى سىياسەتلىرىدىن باشلاپ، ھازىرقى يۇقۇم قامالىغىچە بولغان بارلىق جىنايەتلىرىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنىڭمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە IHH ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بارىدىغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنى خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى توختاتقۇدەك دەرىجىدە كەسكىن قەدەم ئېلىشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىمۇ مەسئۇلىيىتىنى تونۇشقا چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى ئىسلام ئەللىرىنىڭ سۈكۈتىنىڭ خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئەركىنلىك جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ھەمزە تۈركمەن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىغا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى. 

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن سۆز قىلىپ، پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجىئەلەر ئىچىدە ئىكەنلىكى، ئۈرۈمچىدىكى ئېچىنىشلىق ئوت پاجىئەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۈتىدىغىنىنىڭ پەقەت نارازىلىق باياناتلىرىلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن IHH ياشلار گۇرۇپپىسى رەئىسى مۇھەممەد چىمەن باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە بارلىق شېھىتلەر ئۈچۈن، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىشى، شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

پائالىيەت ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قانال بولغان ئەلجەزىرە قانىلى تەرىپىدىنمۇ نەق مەيداندىن تارقىتىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئىسلام دۇنياسىغا ئەرەبچە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشقا چاقىردى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىدىن ناھەق قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەمدۇللاھ ۋەلى، نۇرمۇھەممەد روزى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 7768 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2022 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق