خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان باشلىقلىرى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئاتالمىش «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئىمزالىغان.

خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىمدە ئىككى تەرەپ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان. ئۇندىن باشقا ئىككى تەرەپ خىتاي-سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە كومىتېت ئەمەلدارلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى باش مىنىستىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە قوشۇلغان. ئىككى تەرەپ يەنە ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول»، ئەدلىيە، مائارىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، مەبلەغ سېلىش، تۇرالغۇ ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئورتاق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەييارلانغان ھۆججەت ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئىككى تەرەپ يەنە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋەت ئەھۋالى ئەسكەرتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7754 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2022 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق