ئىئوردانىيەدە خىتاينىڭ جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئىئوردانىيەدە 12-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىزغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورغا قارشى» سەۋەبسىز لاگېرلارغا سولاپ ئىرقىي قىرغىن قىلىش، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرغان.

ھەيئەت 14-15-دېكابىر كۈنلىرى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، يۇقۇم تەدبىرى باھانىسىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان.

ھەيئەت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مۇھىم دوكلات ۋە كىتابلارنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ تەييارلىغان بولۇپ، كىتابلارنى يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەيئەتنىڭ ئىئوردانىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئەرەب ئەللىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1084 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2022 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق