سۇلايمان سويلۇ: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا داۋاملىق قۇچاق ئاچىمىز

18-دېكابىر خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنىدە تۈركىيەدىكى بىر قانچە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇچرىشىشقا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا داۋاملىق قۇچاق ئاچىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىدە: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمدىن ئانادولۇغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئېچىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا داۋاملىق قۇچاق ئاچىمىز» دېدى.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ھەيئەت ئەزالىرى يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەئىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، گىراژدانلىق مەسىلىسىگە ئالاقىدار بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۇچراۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقى، تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك، قىسقا مۇددەتلىك، ئىنسانىي ۋە باشقا تۈردىكى ئىقامەتتە تۇرۇۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى، قىسقا مۇددەتتە بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ گىراژدانلىق ئىلتىماسىنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە شۇنداقلا سۆھبەتتە مەسئۇللار تەرىپىدىن يېقىن مەزگىلدە نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ گىراژدانلىققا ئېرىشكەنلىكى ۋە ئانتالىيە شەھىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش چاقىرىقى ئەۋەتىلگەن تەقدىردىمۇ ئىلتىماس قىلمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى باياناتىدا يەنە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ گىراژدانلىققا ئېرىشىشى ۋە ھاياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، بولۇپمۇ ئانتالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى چاقىرىق ئۇچۇرى كەلگەن ھامان ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئىلتىماس قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

18-دېكابىر ئەنقەرەدە يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە «ياش يۈرەكلەر ژۇرنىلى» ئەزالىرى بىرلىكنىڭ ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7857 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2022 19:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق