تۈركىيە خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى فېرىدۇن سىنىرلىئوغلى تۈركىيەنى سۇرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK/YPG غا قارشى كۈرىشىدە ئەيىبلىگەن خىتاي ۋەكىلىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلغان فېرىدۇن سىنىرلىئوغلى تۈركىيەنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى، زەمبىرەك ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىنىڭ ياردەمچىسى گېڭ شۇاڭغا ئىنتايىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

سىنىرلىئوغلى: «ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىز ھەققىدە بىزگە دەرس ئۆتۈش ھوقۇقى يوق. بۈگۈن بىز چېگرىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى قوغداش جەريانىدا نېمە قىلىپ، نېمە قىلمايدىغانلىقىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە گەپ ساتىدىغانلارنىڭ بايانلىرىنى رەت قىلىمىز» دېدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سىنېرلىئوغلى تۈرك خەلقىنى قوغداش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فېرىدۇن سىنىرلىئوغلى تۈركىيەنىڭ PKK/YPG/SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىنى ئەيىبلىگەن ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىش ھەققى يوق، ھاۋا ھۇجۇمى، زەمبىرەك، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دەپ ھەددىدىن ئاشقان خىتاينىڭ ب د ت تىكى ۋەكىلىنىڭ ئاساسسىز بىلجىرلاشلىرىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 7623 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2022 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق