چاۋۇشئوغلى: ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز خىتاينى بىئارام قىلماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى 29-دېكابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە بارلىق ئاخبارات، مېدىيا خادىملىرى قاتناشقان يىللىق خۇلاسە دوكلاتى يىغىنىدا تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، چاۋۇشئوغلى يىغىندا خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئاستىلاش بارلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبچىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزدىن بولۇۋاتىدۇ. خىتاي توختىماي تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز بولغان كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى بەرمەيمىز. بەزىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر تۈركلىرى نى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەندەك خەۋەرلەر چىقىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي يالغان» دېگەن.

چاۋۇشئوغلى بۇ مەسىلىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ قوغدىشىمىز خىتاينى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ خىتايدىكى ۋاقتىدىكى باياناتىدىن ھەممەيلەن ئۈمىدسىزلەنگەنىدى. ئەمما دوكلات ئالدىمىزدا. ئۇ خىتاينىڭ بارلىق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا. بىز بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

چاۋۇشئوغلى يەنە تۈركىيەنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدىكى بىرلەشمە خىتابنامىلەرگە قاتناشقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «باش ئەلچىمىز تېخى شەرقىي تۈركىستانغا بارمىدى، چۈنكى رۇخسەت قىلمايدۇ، ئەگەر بارىدىغان ئىش بولسا، بىز ئۆزىمىز تۈزگەن پىروگرامما بويىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز نېمىشقا خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ بەرگۈدەكمىز؟ ئۇلار تۈركىيەدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى كەلسۇن، تەكشۈرسۇن، دېدى. شى جىنپىڭ بۇنى تەكلىپ قىلغىلى بەش يىل بولدى، ئەمما بەش يىلدىن بۇيان بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىگە توسقۇنلۇق چىقىرىپ تۇرۇۋاتىسىلەر؟ نېمىشقا ھەمكارلاشمايسىلەر؟ بىز ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، بىز بۇ مەسىلىلەرنى سىياسىي مەسىلە دەپ قارىمايمىز. بىزنىڭ نوقۇل خىتايغا قارشى سىياسىتىمىز يوق ۋە ئىزچىل بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تېزدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ قايتا تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئىرفان ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 7273 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2022 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق