ئەسەنيۇرتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

1- يانۋار ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنيۇرت رايونىدا شەرقىي تۈكىستاننىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) ئەسەنيۇرتتىكى شۆبىسى «ئۇنتۇلغان جۇغراپىيە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق پائالىيەت تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن خەلقئارا كۆچمەنلەر ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات ئابدۇللاھ رەسۇل دېمىر تەكلىپ قىلىنغان.

پائالىيەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىشىگە قارىماي، خىتاي رېجىمىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش نىيىتىدىن تېخىچە قايتمىغانلىقىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش مەركەزلىرى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئارقىدىن خەلقئارا كۆچمەنلەر ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ رەسۇل دېمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بېرى نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1603 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2023 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق