مىڭلىغان مۇسۇلمان ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي چېقىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مىڭلىغان مۇسۇلمان ھىندىستان سوتىنىڭ 4500 ئۆينى چېقىپ تاشلاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ھالدۋانى شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، سوتنىڭ «رۇخسەتسىز ياسالغان ئۆي» دېگەن باھانە بىلەن، 4500 ئۆينى چېقىپ كۆچۈرۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇ شەھەرنىڭ ئۇتتار خاند ئىشتاتلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆچۈرۈش قارارىنى «قۇرماقچى بولغان ۋوگزالغا پايدىلىق» دېگەندەك باھانە بىلەن ساقلاپ قالغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، سوت مەھكىمىسى ئاھالىلەر نەچچە ئون يىلدىن بېرى ياشاپ كەلگەن ئۆيلەرنى چېقىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاھالىلەرگە كۆچۈپ كېتىش ۋاقتى بەلگىلەپ بەرگەن.

ھىندىستانلىقلار 2014-يىلى رادىكال ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك ۋە ھۇجۇملارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىغا شاھىت بولغان. بۇ جەرياندا بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تەن جازاسى بېرىلگەن. بىر قانچە ئىشتاتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى چېقىۋېتىلگەندىن باشقا، مەكتەپلىرى تاقىۋېتىلگەن.

مەزكۇر پارتىيەنىڭ رادىكال ئەمەلدارلىرى يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە بىر قانچە قېتىم ھاقارەتلىك باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، ھىندىستان ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7195 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2023 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق