تۈركىيە پىدائىي تەشكىلاتلار ۋەقفى ۋەكىللىرى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

3-يانۋار تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن تۈركىيە پىدائىي تەشكىلاتلار ۋەقفى رەئىسى مەھمەد يىلماز ۋە مۇدىرىيەت ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا پىدائىي تەشكىلاتلار ۋەقفى ۋەكىللىرىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. شۇنداقلا ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1723 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2023 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق