خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭەش يىغىنى 6-يانۋار ئىستانبۇل ۋالىيلىقى مەجلىس زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرئان تىلاۋىتى، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلانغان يىغىندا ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، نىشانى، غايىسى ۋە ھازىرقى ھالەتكە كەلگۈچە بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى-توقاي مۇساپىلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا ۋىدىيو قويۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانىي تور ئارقىلىق سۆز قىلىپ، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، بۇ يىل ئىچىدە بېسىشقا تېگىشلىك دىپلوماتىك قەدەملەر ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئارقىدىن تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى بىرلىك نىزامنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەت ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى ۋە يېڭى تەشكىلات قۇرۇلمىسىنى تونۇشتۇردى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مالىيە مەسئۇلى نىزامىدىن تەمكىنىي بىرلىكنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق چىقىم ئەھۋالى ۋە بۇ يىللىق خامچوتى ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى خىزمەتلىرى ۋە كەلگۈسى پىلانىغا ئالاقىدار تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

بۇ قېتىملىق يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا 20 تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن ئىدارە ئەزاسى بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتناشتى.

بۇ خەۋەر 1936 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2023 10:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق