شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 9-قېتىملىق شۇرا يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 9-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 7-يانۋار ئىستانبۇلدا باشلاندى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ئەزا ئۆلىمالار، ئۇستازلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ 80 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجاتلى بىرلىكنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن بىرلىكنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

مەزكۇر شۇرا يىغىنى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدىكى بارلىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش، بىرلىكنىڭ نىزامنامىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش، سايلام ئۆتكۈزۈش، تەتقىقات، تەلىم-تەربىيە، دەۋەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە 2023-يىللىق خىزمەت پىلانىنى بېكىتىپ چىقىشتىن تەركىب تاپىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1912 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2023 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق