شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 9-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 7-، 8-يانۋار كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 70 گە يېقىن ئەزاسى قاتناشقان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە بىرلىكنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي دوكلات بېرىپ ئۆتۈلدى. چۈشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكنىڭ نىزامنامىسى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، بەزى ماددىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار رەئىسلىك مۇددىتى توشقانلىق سەۋەبىدىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىرلىك ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئارقىدىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يېڭى رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، رەھبەرلىك ھەيئىتى، شۇرا مەجلىسى رەئىسى ۋە ئەزالىرى، تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇلى ۋە تەپتىش ئەزالىرىمۇ يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى. سايلام نەتىجىسىدە دوكتور ئالىمجان بۇغدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ داموللام ھاجىم تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام ئاخبارات ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم رەسمىي باياناتچىلىققا ۋە بايانات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۇستاز مۇھەممەد ئۆمەر قاراجىم خەلق ئالاقىسى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇجاتلى باش كاتىپلىققا سايلاندى.

سايلام شۇرا مەجلىسى رەئىسلىكىگە دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇرنىڭ، تەپتىش ھەيئىتى رەئىسلىكىگە ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىمنىڭ سايلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1869 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2023 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق