شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

خىتاي رېجىمى 8-يانۋار چېگرانى ئاچقان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇشقا باشلىغانىدى. مەزكۇر كۆز بوياش زىيارىتى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆمەكنىڭ پائالىيىتى قەدىمىي شەھەر قەشقەرنى زىيارەت قىلماقتا.

خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يالغان سەھنىلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئۆمەك ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمى خىتاينىڭ قىلغانلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قوللاپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى»غا ئاپىرىن ئېيتىپ بىلجىرلىغانىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى 10-يانۋار رەسمىي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئۆمەكتىكى شەخسلەرنى خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىغا ئىشەنمەسلىككە، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرۈشكە ئۈندىدى.

بىرلىك باياناتتا دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنى خىتاينىڭ كۆز بوياش مەقسىتىدە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان يەرلەرنىلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان كىملىكى سەۋەبلىك جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلارنى، شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا، خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلەرنى يوللۇق كۆرسىتىدىغان مەسئۇلىيەتسىز باياناتلاردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

ئۆلىمالار بىرلىكى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بارلىق ئىسلام ئەللىرى ۋە مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئالداش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە ئالدىن پىلانلىغان بۇ خىل زىيارەتكە ئوخشاش ساختا تەشۋىقاتلارغا ئىشەنمەسلىككە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى ۋە شۇنداقلا زىيارەت ئۆمىكىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار ئىسپاتلاپ چىققان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى كۆرۈپ چىقىشقا چاقىردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى 11-يانۋار يەنە مەزكۇر ئۆمەكنى خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىك، خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، سىنلىق بايانات ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر، ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1951 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2023 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق