خىتاي كېرىيەدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن بىۋاسىتە بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 10-يانۋار خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ8895 نۆۋەتچى ئايروپىلانى كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، ئۈرۈمچىدە قىسقا ۋاقىت توختىغاندىن كېيىن بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچقان. بۇ مۇشۇ ئايرودۇرۇمدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تىزلىتىش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتقان. مۇشۇ دائىرىدە 2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلانغان بولۇپ، قاتناش باشلىنىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئايرودۇرۇمغا كىرگەن ـ چىققان يولۇچى مىقدارى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. قاتناش باشلانغان 16 ـ ئايدا كىرگەن ـ چىققان يۈك، پوچتا يوللانمىسى مىقدارى 25 توننىدىن ئاشقان. نۆۋەتتە كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق يەنە شاڭخەي، شېنجېن، چېڭدۇ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىگە بارىدىكەن.

كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە، يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا توشۇيدىغان ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت كەسپىنى يولغا  قويىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتنىشىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىش ئارقىلىق، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى توشۇشقا ئاسانلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1348 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2023 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق