«دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى»نىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئاشكارىلانماقتا

 

خىتاي رېجىمىنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. بۇ زىيارەتنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىن يوشۇرۇپ قېلىشىنى پۇرسەت دەپ بىلگەن خىتاي رېجىمى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئېلان قىلغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن نومۇس قىلارلىق سۆزلىرىنى كۈچەپ تارقىتىشقا باشلىدى.

خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇخبىرى ئەلى راشىد نۇئەيمىدىن: «سىز ئىلگىرى شىنجاڭنى بىر قېتىم زىيارەت قىلغان تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن قايتا زىيارەتكە كەلدىڭىز؟» دەپ سورىغان.

ئەلى نۇئەيمى مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا 2019-يىلى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەندە ئاز كىشىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتنى باشلاپ كەلگەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىم ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى خىزمەتداشلىرىنى تەشكىللەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر ئەلى رەشىد نۇئەيمىدىن يەنە: «ۋەكىللەر ئۆمىكى نۇرغۇن مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلدى شۇنداقلا ئىسلام ئىنستىتۇتىغا باردى. سىز ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشقا ئەزالىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىغا قانداق باھا بېرىسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋابەن: «ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ھازىر بۇنى بىلدى. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي سىستېمىغا ۋە دۆلەتكە سىڭىپ كېتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ باشقا قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۇقرالىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز ۋەتىنى بولغان خىتاينىڭ تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنى باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. شۇ مەزگىللەردىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاپ سۆز قىلغان بولۇپ، جازا لاگېرلىرىنى تەربىيلەش مەركەزلىرى دېگەنلىكى ئۈچۈن ھەققانىيەت تۇيغۇسى ئۆلمىگەن كىشىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

 ئۇ بۇ قېتىممۇ يەر شارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنىڭ: «سىز ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەردىكى تېخنىك ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت قىلدىڭىز، ئەمما ھازىر بىر قىسىم ئامېرىكا ۋە غەرب تاراتقۇلىرى شىنجاڭدىكى تېخنىكا مەكتەپلىرىنى جازا لاگېرى دەپ تۆھمەت قىلدى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر سىز ھەر قانداق تۈرگە باھا بەرمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراش كېرەك. 2016-يىلدىن بۇيان خىتايدا تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىدى. بۇ بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيەت، ئۇ ئىلگىرى قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، بارلىق دۆلەتلەر ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىر دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى ۋە خەلقىنى قوغدىشى كېرەك، دەپ بىلجىرلىغان ۋە تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ھالدا 2019-يىلى مەن مەزكۇر مائارىپ ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرى ۋە تېخنىكا مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلدىم. مەن شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تېخنىكا مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلدىم، ئۇلار بۇ يەردىكى تېخنىك ئىنىستىتۇتىغا ئوخشاش ياش ئەۋلادلىرىنى ھەممە نەرسە بىلەن تەمىنلىمىدى. مەن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈن تېخنىكلار ئاكادېمىيىسىدە كۆرگەنلىرىمدىن خۇشال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلار بۇ يەردىن ئۆگىنىشى كېرەك. خىتايمۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى خىتاينى تەنقىدلەيدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەك» دەپ جۆيلىگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى ئەسلىدە «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا قارشى قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، يىللاردىن بېرى پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيە تەرەپتە تۇرۇپ، پەلەستىن خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى كۆرمەسكە سالغان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر خىل تەنقىد ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغان. ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قالايمىقان جۆيلۈشى تاسادىپىيلىق ياكى ھەيران قالارلىق ئەمەس بولۇپ، ئۇ ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ زالىمغا يانتاياق بولۇش ئادىتى ئاللىبۇرۇن تونۇلغان ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 6958 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2023 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق