نوپۇزلۇق ئۆلىمالار ۋە 50 نەچچە تەشكىلات خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان ساختا تەشۋىقاتىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى»نىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى 15-يانۋار ئىستانبۇلدا بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كېلىپ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 30 دىن ئارتۇق نوپۇزلۇق ئۆلىما ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى»نىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە رەددىيە بەردى.

بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇھەممەد ئەمىن قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئۇ سۆزىدە ئاتالمىش زىيارەتچىلەرنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە رېئاللىققا زىت سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ يالغان باياناتلىرىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىسلام مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور ياسىن ئاقتاي سۆزى قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسلىدە ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئۈممەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە بۆلۈنۈش سەۋەبلىك ھىمايىچىسىز قالغانلىقىنى، ئەگەر مۇسۇلمانلار بىرلەشكەن تەقدىردە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلىنىدىغانلىقىنى، يېقىندا زىيارەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ يالغانچىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ئايان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ 21-ئەسىردە ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش مەجلىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد سەغىر سۆز قىلىپ: «يېقىندا شەرقىي تۈركىستانغا بىر ئۆمەك بېرىپ، ئۇلار خىتايغا يانتاياق بولۇپ يالغان گۇۋاھلىق بەردى. بىز ئۇلارنىڭ خاتا سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن يىغىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ يالغانغا گۇۋاھلىق بېرىش قىلمىشىدىن بىزار. ئاللاھ خالىسا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلغىلى بارىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن پەلەستىنلىك دوكتور نەۋاف تەكرۇري سۆز قىلىپ، كىمكى تاجاۋۇزچىلار ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى قوللاپ، بىر سەپتە بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ جىنايەتتە تاجاۋۇزچىلار بىلەن شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئەي، شەرقىي تۈركىستان خەلقى! ئىسلام ئۈممىتى سىلەر بىلەن بىرگە، بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا، خىتاي تاجاۋۇزچى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى تاجاۋۇز قىلىنغۇچىدۇر» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلكەرىم سۆز قىلىپ: «مەزكۇر ئۆمەك زالىمنىڭ جىنايىتى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەددىدىن ئېشىش جىنايىتىنى قوللاپ گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلار ئۆلىمالار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتىن يىراقتۇر. بىز ئۇلارنىڭ ئاتالمىش زىيارىتىدىن ئادا-جۇدا. ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى دەپ دەۋا قىلىشتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان كەئىب ئىبنى ئەشرەف قاتارلىقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار تاجاۋۇزچى، قاتىل ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەردى. ھالبۇكى، يېقىندا مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەمما بۇ قېتىمقى ئاتالمىش زىيارەتچىلەر خىتاينىڭ تېررورچى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى. مەن مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن ئاتالمىش زىيارەتچىلەرنىڭ قىلمىشىدىن ئادا-جۇدا» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇندىن باشقا مىسىرلىق ئۆلىما، دۇنيا ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالار بىرلىكىدىن دوكتور جامال ئابدۇساتتار، يەمەن ئۆلىمالار ھەيئەت ئەزاسى دوكتور ئابدۇللا قۇبەيسىي، دوكتور ئەسام ئابدۇششافي، ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھەيئىتىدىن دوكتور مۇنىر، ئامېرىكا ئىسلام ئالاقە ئىشلىرى مەجلىسىدىن دوكتور باسىم ئەلقۇررائ، خەلقئارالىق ئادۋوكات، دوكتور تارىق شەندەب، دوكتور جالال ئەرباي، دوكتور مەجدى سالىم قاتارلىق ئۆلىما ۋە مۇتەخەسسىلەر سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى قوللىغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئۆلىما دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيارەتلىرىنى ۋە باياناتلىرىنى ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى» باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش قىلمىشىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاينىڭ بۇ خىل زىيارەتنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياشقا، ھىيلە-نەيرەڭ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئىسلام دۇنياسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يالغانچىلىقى ۋە كۆز بويامچىلىقىغا ئالدانماسلىقى كېرەكلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ تەخىرسىز مەسىلە، دەپ ئېتىراپ قىلىشى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈردى.

مەزكۇر باياناتقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئالىم-ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە 50 نەچچە تەشكىلات قوللاپ ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلار: 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

چەتئەلدىكى پەلەستىنلىك ئۆلىمالار جەمئىيىتى

ھېكمەت جەمئىيىتى

مۇسۇلمان ئالىملار جەمئىيىتى

گۇۋاھچىلار مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى

ئاز سانلىقلار تەتقىقات مەركىزى

رەسۇلۇللاھنى قوللاش كومىتېتى

ئەھلى سۈننەت ئالىملار جەمئىيىتى

خەلقئارا قانۇن ئىشلىرى ئادۋوكاتى

ئىراق مۇسۇلمان ئالىملار جەمئىيىتى

لىۋىيە ئۆلىمالار جەمئىيىتى

مەغرىب ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى

يەمەن گۈللىنىش جەمئىيىتى

يەمەن ئۆلىمالار جەمئىيىتى

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسى

خەلقئارا مەھبۇسلار ۋە تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىش كومىتېتى

ئىراق ئۆلىمالار ۋە قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى

خەلقئارا ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى

ئىستانبۇل ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى

ئىلىم ۋە پىكىر تەتقىقات مەركىزى

ئىسلام 21C

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر ھەرىكىتى

ئەنگلىيە كوردوبا فوندى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى

فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى

شەرقىي تۈركىستان سودىگەرلەر جەمئىيىتى

ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋەقفى

ھىرا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەقفى

فۇرقان تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى

خوجا ئەھمەد يەسەۋى ئىلىم ۋە ئېرپان ۋەقفى

شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى

پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى

ئابدۇساتتار ھاجىم سەئىدىيە ئىلىم ۋە مائارىپ جەمئىيىتى

ھىندونېزىيە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى

ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ھەرىكىتى

مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى

لىۋىيە ئۆلىمالار ھەيئىتى

لىۋىيە پەتىۋا ھەيئىتى

كونيا ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى

خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى

ئىراق ئۆلىمالار ۋە قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى

تۈركىيە پىدائىيلار تەشكىلاتى بىرلەشمىسى

IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى

مالايشىيا ئۈممەت ئاقارتىش جەمئىيىتى

ھەممىگە ئادالەت ھەرىكىتى

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2023 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق