خىتاي ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىپ، ئۇيغۇرلارنى سوغۇقتا تاشلاپ قويدى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئاتالمىش «گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆي ۋە ھويلا-ئاراملارنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا سېلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ قېتىم شۇنچە قاتتىق سوغۇقتا ئاتۇش خەلقىنىڭ ئۆيىنى مەجبۇرى چېقىۋەتكەن بولۇپ، ئائىلە كىشىلىرى ھەمدە كىچىك بالىلار زىمىستان سوغۇقتا تالادا قالغان.

17-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان 37 سېكۇنتلۇق سىندىكى كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ نەقەدەر ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى  يەنە بىر قېتىم  ئاشكارىلىدى.  

مەزكۇر سىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسى قورغان كەنتىدىن تارقالغان بولۇپ، بۇ سىننى ئالىم تۇرسۇن ئىسىملىك بىر دېھقان تارتقان. سىندا ئالىم تۇرسۇن خىتاي مەجبۇرى چېقىۋەتكەن ئۆيىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئۆيىنى مەجبۇرىي چېقىپ مۇشۇنداق قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئۆينى چېقىش ھەققى ئۈچۈن ئۈچ مىڭ يۈەن پۇل بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە قاتتىق سوغۇقتا تالادا قالغان پەرزەنتلىرى ھەمدە ئائىلىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇنى ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمەت يوقمۇ؟» دەپ سوئال قويغان ۋە سۆزىنىڭ داۋامىدا: «ھۆكۈمەت يوق دېسەڭلار ئەتە ئەرز قىلىدىغان يېرىم بار، مانا مەن قىلىمەن، شەخسەن قىلىمەن» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

كۇچادىن تارقالغان يەنە بىر سىندا بولسا بىر يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي بوشىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، سىندا سۆز قىلغان خىتاي بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان بىر ئايال سۆز قىلىپ: «دېھقانلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ياخشى ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى بوشىتىلىپ، قوپقۇرۇق بوپ قالدى، قاراڭلار! ئەگەر مېنىڭ بۇنداق بىر ئۆيۈم بولسا، ھەرگىزمۇ بوشاتمايتىم» دېگەن.

خىتاي رېجىمى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشچە، خىتاي 2020-يىلى ئاتالمىش «گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش» نامىدا 788 ئولتۇراق رايون ۋە 116 مىڭ 300 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى چېقىپ ئۆزگەرتكەن. يېڭىدىن خىتاي مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان 1090 ئولتۇراق رايون، 193 مىڭ 400 تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇپ چىققان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېقىپ ئۆزگەرتىشتە 2000-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئولتۇراق رايون ئاساس قىلىنغان. 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ، كۇچا، خوتەن قاتارلىق بەش شەھەرنى نۇقتىلىق قىلىپ چېقىپ ئۆزگەرتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1160 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2023 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق