شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىشى مۇزاكىرە قىلىندى

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىككى يىغىندا ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ تويۇقسىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستاننى) ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  14ـ يانۋار چۈشتىن بۇرۇن باشلانغان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى ھەمدە  ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ئېچىلغان. 15-يانۋاردىكى مۇزاكىرە يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن ئۆتكەن يىلى شى جىنىپىڭ تۇيۇقسىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ مېڭىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئىككى يىغىن ئېچىلغاندىن ھازىرغىچە شى جىنپىك ئوتتۇرىغا قويغان شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىشقا ئىشارەت قىلىنغان سۆزلەرنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ يىغىن بۇ بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن شۇنداقلا خىتاينىڭ داۋاملىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى ۋاسىتە قىلىپ خىتاينى كۈچلەندۈرۈشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1220 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2023 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق