خىتاي ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىدى

خىتاي رېجىمى بۇ يىلمۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر خەلقنى خىتايلارنىڭ چاغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆز لايىقىدا ئۆتكۈزۈشىگە ھەرخىل تەرىقىدە چەكلىمە قويۇش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك رەزىل ئۇسۇللار بىلەن خىتايلارنىڭ ھەرخىل بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە، تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ۋاسىتىسى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان-ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى نازارەت قىلىپ كەلمەكتە.

17-يانۋار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قانچە سىندا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى كەنتلەرگە يىغىپ، چاغان تەبرىكلەش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، يوللاردا چاغانلىق شوئار توۋلاش، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، كۈنلۈك ئۇسسۇلى، شىر ئوينىتىش ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسسۇللىرىنى ئويناشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، كەنتلەردىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ھەتتا ئەرلەرنىمۇ خىتاينىڭ ياڭگىر ئۇسسۇلىنى ئويناشقان مەجبۇرلىغان.

تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايراملىرىنى گۈزەل تەرىقىدە تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قىلىنىپلا قالماستىن، خىتاينىڭ تەھدىت ۋە مەجبۇرلاشلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە، ھەر جەھەتتىن خىتايدەك كۆرۈنۈشكە مەجبۇرلانماقتا.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى رەت قىلغۇچىلارنى «ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك» نامىدا قاتتىق جازالاپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1391 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2023 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق