مۇتەخەسسىسلەر: ھىندونېزىيەدە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىشى مۇمكىن

ھىندونېزىيەدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش سەۋەبلىك يەرلىك خەلقنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتى قوزغىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەدىكى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى نىكېل تاۋلاش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە قانلىق مالىمانچىلىق سەۋەبلىك ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. گەرچە بۇ زاۋۇت سەيشەنبە كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەقەنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي مەبلەغ سالغان يەرلىك كارخانىلارمۇ شىركەتنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ھالدا ھىندونېزىيەلىكلەرنى ئىشقا ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋەقەنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغان تەقدىردە، ھىندونېزىيەدە خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ھىندونېزىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندونېزىيەدىكى بىر نىكېل كېنىدىكى ئىشچىلار 14-يانۋار ئىش ھەققى ۋە خىزمەت بىخەتەرلىكى شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان، ئەمما نامايىش ئىككى ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن توقۇنۇشقا ئايلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مالىمانچىلىق ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋسى ئارىلى موروۋالى رايونىدىكى نىكېل سانائىتى زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر زاۋۇت خىتاينىڭ جياڭسۇ دېلوڭ نىكېل سانائىتىگە تەۋە ئىكەن. توقۇنۇشقا ئايلانغان نامايىشتا بىر ھىندونېزىيەلىك بىلەن بىر خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن. سۇلاۋسى مەركىزى ساقچى باياناتچىسى دىدىك سۇپرانوتو (Didik Supranoto)نىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدە بىر قانچە شىركەت ماشىنىسى كۆيۈپ كەتكەن. تەخمىنەن 100 ئېغىز ئىشچىلار ياتىقى بۇزۇلغان بولۇپ، 71 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ زور بولۇشىغا قارىماي، باچاچاران ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رېزايانىڭ ئېيتىشىچە: ھىندونېزىيەگە مەبلەغ سالغان خىتايلار زاۋۇت ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ خىزمەت پۇرسىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن، ھەتتا خىتاي ئىشچىلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ھىندونېزىيە خەلقى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىدىن نارازى بولغان. شۇ سەۋەبلىك ھىندونېزىيەدە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىش مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 444 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2023 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق