ئىستانبۇلدىكى چاغانلىق پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتنىشىشى مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى باياناتچىسى تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ «17-يانۋار كەچتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇل ۋەكىلى ۋۇ جيەن ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمىنى تەبرىكلىدۇق» دېگەن ئۇچۇر بىلەن تۆت پارچە رەسىم ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، رەسىمدىكى كىشىلەر ئىچىدە ئىستانبۇلدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى سابىر بۇغدادىن باشقا يەنە بەش-ئالتە ئۇيغۇرنىڭ بولۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە غەزىپىنى قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئىستانبۇلدىكى شاڭرىلا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە پائالىيەتكە خىتايلارنىڭ كۆپ سانلىقىدا تۈركلەر ۋە ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. خىتاي پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تەقدىم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يېپىشقا، خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنى يېقىن كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بۇ چاغان پائالىيىتىدىن بەش كۈن بۇرۇن 12-يانۋار خىتاي باش كونسۇل ۋەكىلى ۋۇ جيەننىڭ باشچىلىقىدىكى كونسۇلخانا خادىملىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە مەخسۇس ئاتالمىش «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» بىلەن «ئىسسىق باھار» تېمىسىدا بايراملىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، پائالىيەتكە 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، مۇئاۋىن باش كونسۇل ۋاڭ فېي ۋە باش كونسۇلخانىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر ئۇچرىشىشتا خىتاي باش كونسۇلى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارغا «چاغانلىق سالام» يوللىغان ۋە ھەدىيە بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەرگەن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېڭى دەۋرىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى»نى تونۇشتۇرغان ۋە ئۆتكەن 10 يىلدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات ۋە نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلاردىن چەت ئەللىكلەرگە ۋەتىنىنى ئەنە شۇنداق تونۇشتۇرۇشنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكتە چىڭ تۇرۇشنى، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كونسۇلخانىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىشتا يەنە باش كونسۇلخانا خادىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى ئاڭلىغانلىقى، ئالاقىدار سىياسەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكى، پاسپورت قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ تەرتىپلىرىنى چۈشەندۈرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەر ئاخىرىدا مەزكۇر ئۇيغۇرلار باش كونسۇلخانىنىڭ زىيارىتى ۋە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى، باش كونسۇلخانىنىڭ پۇقرالارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ «ۋەتەن ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى»غا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى، خىتاي-تۈرك خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلىنقان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر مەزگىللەردىمۇ، خەلق ئىچىدىن ھېلىھەم دۈشمەن بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىدىغان، يانتاياق بولىدىغانلىقىنىڭ چىقىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ نومۇسسىز قىلمىشلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرگىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە تارىخقىمۇ ئۆچمەس قارا داغ سۈپىتىدە يېزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2023 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق