خىتاي ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پىكىرىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاينى باستۇرىدىغان نىيەتتىن يېنىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكا-ياپونىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن نارازىلىق باياناتىدا: «خىتاي ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاينى باسىدىغان نىيىتىدىن يېنىپ، بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغان خەتەرلىك قىلمىشلارنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىشىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى باسىدىغان پىلانلارنى تۈزگەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ پىلانىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى كۆپتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيەسىنى تەرتىپكە سېلىش، قورال ئىشلىتىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ھەتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا كىرگۈزۈشنى كۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 13-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا قائىدە-تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، نۆۋەتتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا-ياپونىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە شەرقىي دېڭىز، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاينى تەنقىد قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 354 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2023 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق