خىتاي ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىككى يىغىن دوكلاتىدا ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇرلاش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. 

دوكلاتتا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قۇربانقۇل كاماس تونۇشتۇرۇپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئالتە مەھەللىدىكى 32 ئولتۇراق رايوندا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۆزئارا دوستلىشىش، تۇغقانلىشىشقا ۋە ھەر ئايدا ئائىلىلەرگە كىرىپ يوقلاشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

دوكلاتتا يەنە 2022-يىلى ئاتۇش قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن يەتتىنى بەرپا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرى نەچچە يىلدىن بىرى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش» نامىدا مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغان.

يىغىندا يەنە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى لۇ چۈنپىڭ: «بۇ يىل ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي بۇ قېتىم ئىككى يىغىن ئېچىلغاندىن ھازىرغىچە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1404 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2023 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق