فىلىپپىن پىرېزىدېنتى جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىن بىلەن رايوندىكى ھەق تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، رايوندا ھەق تەلەپ مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىقىدىغان ئۇرۇشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ت ر ت خەۋەر قانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماركوس شىۋىتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى (WEF) دىكى تالاش-تارتىشنىڭ تېمىسى بولغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ھەققىدە توختالغان.

ماركوس رايوندىكى تالاش-تارتىش ئىچىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ جىددىي بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماركوس ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتىكى تاللاشلارنىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكىنى ۋە كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيلىكنىڭ سودىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن زىددىيەتلىك تەلەپلىرىمىز يوق، خىتاينىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدا تەلىپى بار» دېگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى شى جىنپىڭ بىلەن مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش چارىسىدە چوڭ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە خىتاي-تەيۋەن ئارىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ فىلىپپىننىڭ رايوندىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى سەۋەبلىك فىلىپپىنغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئالدىنقى سەپتە تۇرۇۋاتىمىز، ئەگەر بۇ يەردە بىرەر ئىش يۈز بەرسە، بىز ئازابلىنىمىز» دېگەن.

ماركوس ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇنىڭ دۆلىتى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى توقۇنۇشنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئاپەت خاراكتېرلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يېقىندىن بۇيان بۇ رايوندا جىددىيلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، فىلىپپىن 2022-يىلى ئىچىدىلا خىتايغا تەخمىنەن 200 قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 377 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2023 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق