گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا قىزىل رەقىمى داۋاملىق ئاشماقتا

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سودا ئورگىنى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2022-يىلى يەنە بىر قېتىم گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئەمما گېرمانىيە-خىتاي سودا قىزىل رەقىمى داۋاملىق ئاشقان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ خىتاي بازىرىغا بولغان تايىنىشچانلىقى داۋاملىق ئاشقان. بۇ مەلۇمات گېرمانىيە سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئورگىنى (GTAI) نىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باھالاش نەتىجىسى ئىكەن. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان خىتاينىڭ گېرمانىيەگە قىلغان ئېكسپورتى 2022-يىلى داۋاملىق ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى بۇلتۇر بىر ئاز ئاشقان. نەتىجىدە گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تاشقى سودىسى كۈنسېرى تەڭپۇڭسىز ھالەتكە كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سانلىق مەلۇمات گېرمانىيەگە پايدىسىز سودا ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ گېرمانىيەنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئورۇن قىلىشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن. گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن % 3.7 لىك سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان ئېكسپورتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان بېقىنىشى كۈنسېرى ئېشىپ سودا قىزىل رەقىمى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. گەرچە خىتاي گېرمانىيە ئېكسپورتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي گېرمانىيە ماللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خېرىدارلىرى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندىن تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 530 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2023 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق