خوتەن ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

 20-يانۋار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:07 دە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 35.84 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.93 گىرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1345 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2023 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق