خىتايدىكى خىمىيىلىك كۆلچەكتىن نەچچە يۈز بالىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

خىتايدىكى بىر يەر ئاستىغا جايلاشقان بالىلار تەجرىبىخانىسىنىڭ خىمىيىلىك كۆلچىكىدىن نەچچە يۈزلىگەن بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي مىقياسىدا ھەر يىلى 2 مىليوندىن ئارتۇق بالا يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلارنىڭ خىتاي رېجىمى قانۇنسىز قۇرغان تەجرىبىخانىلاردا تەجرىبە ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ قېتىم بايقالغان مەزكۇر بالىلار تەجرىبىخانىسىنىڭ خىمىيىلىك كۆلچىكىدىن نەچچە يۈزلىگەن بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي تەتقىقاتچى ژۇرنالىست جېننىفېر زېڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، تاشلىۋېتىلگەن تەجرىبىخانىدىكى قورقۇنچلۇق سىنلارنى ھەمبەھىرلىدى.

سىندا ئەزالىرى ئوغرىلانغان نەچچە يۈزلىگەن بالىنىڭ جەسەتلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كىرىش ئېغىزىدىكى بوتۇلكىلاردا پۇراقلىق دورىلارنىڭ بارلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ سىننى ئالغان خىتاي كىشى تېلېفوننى چىقىرىپ 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 11:26 دە سىنغا ئالغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدىكى ئورگان تىجارەتچىلىرىنىڭ ھەر يىلى مىڭلىغان بالىلارنى قاچۇرۇدىغانلىقى ۋە ئۇ بالىلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ باي خىتاي سودىگەرلەر ۋە باشقا چەت ئەللىكلەرگە سېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭمۇ سېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپلىگەن دوكلاتلارمۇ كۆپلەپ ئېلان قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1390 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2023 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق