داڭلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

ئۇيغۇر خەلقنىڭ سۆيۈلگەن شائىرى ۋە يازغۇچىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى پروفېسسور، دوكتور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

خىتاي رېجىمى يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىدە تونۇلغان شائىر، يازغۇچى، ئەدىپ، ساخاۋەتچى سودىگەرلەر، يۇرت مۆتىۋەرلىرى قاتارلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئارقىدىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئەمما پاراسەتلىك خەلقىمىز ئەلۋەتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىلجىرلاشلىرىنىڭ ھېچبىرىگە ئىشەنگىنى يوق ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى مۇھاجىرەتتە كۈنسىرى قەدىرلەنمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ​​شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. تونۇلغان دوكتور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىلگىرى 2018-يىلى 28-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات يوق ئىدى. نۆۋەتتە ئەركىن ئاسىيانىڭ قاتمۇقات ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا شائىرنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىسپاتلاندى.

ئېنىقلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۈستىدىن 2019-يىلنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرىدا مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ مەزكۇر قانۇنسىز ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغاندا بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايىتىدىن قانچىلىك ئەنسىرەيدىغانلىقى ۋە قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنىڭ نەقەدەر بەتبەشىرە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. 

نۆۋەتتە بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى شائىرنىڭ تۈرمىدە يازغان ۋە مۇھاجىرەتتە كەڭ تارقالغان «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىنى قايتىدىن ئەسلەتمەكتە ۋە شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1986-قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1990-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئاتالمىش شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا 20 يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئاتالمىش شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، بۇ مەكتەپتە تاكى 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغۇچە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن كۆپ ساندا شېئىر، ئەدەبىي خاتىرە، ئىلمىي ماقالە، ساياھەت خاتىرىسى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر ئارقىلىقلا تونۇلۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە تۈرلۈك ئىلمىي ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا سۆزلىگەن لېكسىيەلىرى ھەم نۇتۇقلىرى بىلەنمۇ خەلقىمىز ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان يىتۈك زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر.

بۇ خەۋەر 1549 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2023 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق