رۇسىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-يانۋار رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف موسكۋادا، رۇسىيەنىڭ 2022-يىللىق دىپلوماتىيە خىزمىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا» دېدى. ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لاۋروف سۆزىدە يەنە، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئەمەلىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقى ئاساسىدا ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ب د ت نىزامنامىسى ئاساسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى ھېچقانداق سۆز قىلمىغان ياكى قارىشى تۇرمىغان بولۇپ، بۇنى ئاز دەپ خەلقئارا مەسىلىلەردە رۇسىيە تەرەپتە تۇرغان. خىتاي يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى ھەمدە خەلقئارا تەرتىپنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنىشى سەۋەبلىك ھەر تەرەپتىن ئېمبارگو ياكى ئەيىبلىنىشكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن چەتكە قېقىلىش ۋە يېتىم قىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بارغانچە رۇسىيەگە يېقىنلىشىشقا باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 588 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2023 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق