شى جىنپىڭ قونجىراپ چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈردى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي چاغىنى ھارپىسىدا سىن ئارقىلىق خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە قىسمى قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرگەن. 

خىتاي راكېتا ئارمىيە تورىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 18-يانۋار بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا سىنلىق شەكىلدە ئاتالمىش شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە قىسمى قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار قىسىملار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا سىنلىق سۆزلەشكەن. شۇ جەرياندا شى جىنپىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇلخانىسىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا چارلاش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئەھۋالىنى سورىغان ھەمدە ئۇلارنى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى پېشقەدەم ئۈلگە دەپ ماختاپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتا غەيرەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ يەنە، تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت-تەبىئىي گاز ساقلاش-توشۇش مەركىزى ئاتالمىش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1-پونكىتىنىڭ تەبىئىي گاز يىغىش رايونى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق نېفىتلىكتىكى بۇلاڭچىلارنى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن ياخشى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 704 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2023 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق