خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى ئاسترىتتىن ئاگاھلاندۇردى

شى جىنپىڭ خىتاي چاغىنىغا مۇناسىۋەتلىك نۇتقىدا ئامېرىكىنى ئاسترىتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ «بۆلگۈنچىلىك ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىدىغانلىقى»نى دەۋا قىلدى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شى جىنپىڭ: «داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل دۆلەت ئىچى ئىسلاھاتى، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا پۈتۈن پارتىيە، ئارمىيە ھەمدە پۈتۈن خەلق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە» دېگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا قىلغان سۆزىدە قەسەم قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە تاشقى ئارىلىشىشقا قارشى قەتئىي كۈرەشنى باشلايدىغانلىقىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە تەشەببۇسكارلىقنى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيەسىنى مەركەز قىلغان دىپلوماتىيە ۋە تارىخى باياناتنىڭ مۇھىملىقىنى شۇنداقلا غەربنى ئاساس قىلغان دۇنيا تەرتىپىدىن يىراقلىشىش ئىرادىسىنى بارغانسېرى تەكىتلىگەن. ئۇندىن باشقا شى جىنپىڭ يەنە، دۆلەت مۇداپىئەسى توغرىسىدا: «ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئورگىنى «خەلق گېزىتى»دە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئارمىيەدىن يېڭى يىلىدا تېخىمۇ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2023 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق