ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مىنا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلمىشىغا قارشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مىنا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە 23-يانۋار دېڭىز يولى ۋە پورتلارنى يوشۇرۇن ھۇجۇملاردىن قوغداش ئۈچۈن ئىلغار دېڭىز-ئوكيان مىنالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا خىتاي بىلەن سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ مەخپىي ھالدا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالىغانلىقى بايقىلىپ، بۇ ۋەقە ئاۋسترالىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنى چۆچۈتكەن ۋە بۇ ئەھۋال ئاۋسترالىيەنىڭ مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتكەن.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: ​​ ئەقلى ئىقتىدارلىق مىنانىڭ ھەربىي نىشاننى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى، بۇ مىنالارنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا كۆرۈنەرلىك تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر مىليارد دوللار خەجلەپ ياۋروپادىكى قورال-ياراغ ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مىنالارنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى رەھبىرى ئالبانىس 2022-يىلى ماي ئېيىدا سايلامدا غەلىبە قىلىپ باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە ئەتراپىدىكى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭىيىش ھەرىكىتىگە قارشى ھوشيارلىقنى كۈچەيتكەن ھەمدە ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 342 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2023 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق