ئالما شىركىتى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ھىندىستانغا يۆتكىدى

ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى خىتاينىڭ ئورنىغا ھىندىستانغا يۆتكەلدى. ھىندىستان سودا مىنىستىرى ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاندا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەخمىنەن %25 نى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ت ر ت خەۋەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايفون ۋە باشقا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولغان فوكىسكون شىركىتى بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ چېننايدىكى ئەمگەك كۈچىنى ئاشۇرماقتىكەن.

بۇ تەدبىر ئالما شىركىتىنىڭ ياسىمىچىلىق ئورۇنلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى گېئوپولىتىكىلىق جىددىيلىك ۋە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەزى تەھلىلچىلەر 2025-يىلغا بارغاندا ھىندىستاندا %25 مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاندا بىر قىسىم ياسىمىچىلىقى بولۇشى ئۇنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ چىقىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاتتىق دېتالنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ پايدىسى بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەم ھىندىستان، ھەم خىتاي ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي تەسىرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى ياسىمىچىلىققا يۈزلىنىشى كەلگۈسى بەش يىلدا تەخمىنەن بەش مىلياردتىن ئالتە مىليارد دوللارغىچە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي پائالىيەت يارىتىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 522 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2023 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق