گوللاندىيە بىلەن ياپونىيەمۇ خىتاينى جازالاش سېپىگە قوشۇلۇش ئالدىدا

ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشكە چەكلىمە قويۇش كۆلىمى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە مۇھىم تەمىنلىگۈچىلەردىن بولغان گوللاندىيە ۋە ياپونىيەمۇ ئامېرىكىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

تېخنىكا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان جازاسىنى قوللاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىلىرىنى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلەر جايلاشقان گوللاندىيە ۋە ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، تېخنىكىنىڭ خىتايغا ئېكسپورتىنى چەكلەپ، خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتىگە كىرىشىنى توسىدىكەن.

نەچچە ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن گوللاندىيە ئامېرىكا بىلەن قول تۇتۇشۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنىڭ خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىشىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلغان. گەرچە ئامېرىكىدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توپلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچىلار (IDM) گۇرۇپپىسى بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە Advantest، توكيو ئېلېكترون، Tokyo Electron خارىبو، Haribo خىتاچى ۋە كوكۇساي، Hitachi ve Kokusai يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى ئۈچۈن ئاپتوماتىك سىناق ئۈسكۈنىلىرى (ATE) نىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بۇ ساھەدىكى ئاساسلىق رولچىلار بولۇپ، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى مودېلى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنىڭ ئالدىنقى تەمىنلىگۈچىسى بولغان گوللاندىيە ASML Holding شىركىتى ياۋروپانىڭ پارلاق قىممەتلىرىنىڭ بىرى.

نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشتە بىرلىشىشى خىتاينىڭ ئەڭ سۈپەتلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىكى كىشى ئاكىرا ئامارى Akira Amari بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىغا ئۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۆزەك ئارزۇسىنى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

گەرچە ياپونىيە ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جازالىرى ئامېرىكىغا ئوخشاش كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى چەكلىمىسى بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەگەر ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە ياپونىيە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا، خىتاينىڭ ھازىر ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى تېخنىكىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاينى ئېغىر پالەچ ھالغا چۈشۈرىدىكەن.

سۈنئىي ئىدراك ۋە كىۋانت ھېسابلاش جەھەتتە دۇنياۋى باشلامچى بولۇشنى مەقسەت قىلغان خىتاي بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن تەمىنلىنىشكە موھتاج بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئامېرىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈۋاتقان جازاسى دۆلەتنى جىددىيلەشتۈرمەكتە. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەك تېخنىكىسى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىكى ئەڭ قىممەتلىك مەھسۇلات بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئىنتېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پات گېلسىنگېر Pat Gelsinger يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ نېفىتتىنمۇ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 588 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2023 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق