ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ يېڭى پەللىگە چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى خىتاينىڭ قاتتىق ئىنكاسىغا ۋە بىئارام بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. نۆۋەتتە يېڭى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كېۋىن ماككارتىنىڭ تەيۋەنگە زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ خىتاي-تەيۋەن جىددىيلىكىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي كەيپىياتنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

2022-يىلى ئاۋغۇستتا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ ئارالغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بۇ قېتىممۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى كېۋىن ماككارتىنىڭ بۇ يىل تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق «پانچبوۋ خەۋەرلىرى» Punchbowl News دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ماككارتىنىڭ زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. «تەييارلىققا بىۋاسىتە قاتناشقان ئەمەلدار» نى ئاساس قىلغان خەۋەرلەردە، ئاقساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ «بۇ زىيارەتنىڭ ئەتىيازدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» خەۋەر قىلىندى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى كېۋىن ماككارتى پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، دېموكراتچى نەنسى پېلوسىنىڭ ئورنىغا 15 ئايلانما تالاش-تارتىشتىن كېيىن سايلانغان ۋە 7-يانۋار قەسەم بەرگەنىدى.

ماككارتى باشچىلىقىدىكى يېڭى پارلامېنت ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى ھەرىكىتىدە خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەردى. يېڭى قۇرۇلتاينىڭ تۇنجى قانۇن چىقىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى، ئاۋام پالاتاسىدا «ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى» قۇرۇش بولغانىدى ۋە بۇ كومىتېتقا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللاگېرنى تەيىنلىگەنىدى.

مۆلچەرلىنىشىچە، ماككارتىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى سابىق رەئىس نەنسى پېلوسى ئارالنى زىيارەت قىلغاندا يۈز بەرگەنگە ئوخشاش، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەيۋەننى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان خىتاي رېجىمى ئۆز ۋاقتىدا نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىگە قارىتا بۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابنىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئارالنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر زىيارەت قىلىنسا، ھەربىي ئىنكاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ ئاقىۋەتكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پوپوزا قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 609 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2023 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق