مالتادىكى ئۇيغۇر ئەر-ئايال خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

مالتا جۇمھۇرىيىتىدە پاناھلىنىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئەر-ئايال خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-يانۋار ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى مالتا جۇمھۇرىيىتىنى ئىككى ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى توختىتىشقا بۇيرۇغان. مەركىزى مالتاغا جايلاشقان ئادىتىس فوندى ۋە ئىسپانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككى تەشكىلات 13-يانۋار ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا مالتا كۆچمەنلەر ئورگىنى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، مالتا دائىرىلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنى رەت قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.

ئىككى ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن سوتقا ئەرز قىلغان ئادىتىس فوندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر 2016-يىلى مالتاغا كەلگەن بولۇپ، مالتا دائىرىلىرى 2017-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغان. ئۇلار ئۇزۇن يىل مەزكۇر ئارال دۆلىتىدە يوشۇرۇن ياشىغان. 2018-يىلى مالتا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقارغان. ئادىتىس فوندىنىڭ باياناتىدا ئېيتىشىچە، يېقىندا مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرماسلىق ئىلتىماسىنى مەسئۇل ئورگانغا سۇنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىلتىماسى 2023-يىلى 12-يانۋار رەت قىلىنغان.

ئادىتىس فوندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ بۇ بۇيرۇقى مالتا جۇمھۇرىيىتىدىكى پاناھلىنىش تەرتىپىگە قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق ئەيىبلەش ئىكەن.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ باياناتىدا: «مالتانىڭ پاناھلىنىش ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈپ، مۇساپىرلارنى قوغداشتىكى يادرولۇق ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان پەيت كەلدى» دېيىلگەن.

ئىككى ئۇيغۇر ئەر-ئايال مالتا كۆچمەنلەر ئورگانلىرىغا ئەگەر ئۆزلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ئىرقىي ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادىتىس فوندىنىڭ ئېيتىشىچە، 12-يانۋار مالتا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان كىشىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى ئۇيغۇر نۆۋەتتە سافى گازارمىسىدىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئادۋوكاتى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ كېيىنكى قەدەمدە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەت تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 650 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2023 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق